شىۋېيتسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن كىشىگە پۇل جازاسى بېرىلدى

شىۋېيتسىيەنىڭ لىنكوپىڭ شەھىرىدە 2020-يىلى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ئەسەبىي ئوڭچىل بىر كىشى  ئۆچمەنلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

2050056
شىۋېيتسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن كىشىگە پۇل جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىنكوپىڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 27 ياشلىق ئەسەبىي ئوڭچىل بىر كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى، ئاندىن بۇ قىلمىشىنى ۋىدېئوغا ئېلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى مۇزىكىسىنى ئىلاۋە قىلىپ، ئاممىۋى تاراتقۇلارغا تارقاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆچمەنلىك جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭغا 800 كرون جەرىمانە قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىۋېيتسىيەنىڭ لىنكوپىڭ شەھىرىدە، 27 ياشلىق ئەسەبىي ئوڭچىل بىر كىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىگە چوقا گۆشى قويغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆيدۈرۈپ، لىنكوپىڭ جامەسىنىڭ ئالدىغان تاشلاپ قويغانىدى.

ئاندىن ئۇ قۇرئان كەرىمگە قىلغان بۇ ھۇجۇمىنى سىنغا ئالغاندىن كېيىن، «سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «مۇسۇلمانلانىڭ  كەڭ كۆلەمدە قەتل قىلىنىشى» نى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى ئىلاۋە قىلغانىدى.  

بۇ ۋىدېئوسىنى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقاتقان بۇ ئەسەبىي ئوڭچىل كىشى ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر