فىرانسىيەدە ساقچىلار مانش دېڭىزى چېگراسىدىكى كۆچمەنلەر لاگېرىنى ۋەيران قىلدى

فىرانسىيەدە ساقچىلار مانش دېڭىزى چېگراسىغا جايلاشقان كالىس شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر لاگېرىنى تارقاقلاشتۇردى.

2049095
فىرانسىيەدە ساقچىلار مانش دېڭىزى چېگراسىدىكى كۆچمەنلەر لاگېرىنى ۋەيران قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ساقچىلىرى 10-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە 500 دىن ئارتۇق كۆچمەن تۇرۇشلۇق تۇركۇرى لاگېرىغا بېسىپ كىردى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى كۆچمەنلەرنى لاگېردىن مەجبۇرىي چىقىرىپ، ئۇلاردىن 21 كىشىنى كۆچمەنلىك سالاھىيىتى يوقلۇقى سەۋەبىدىن قولغا ئالدى.

كۆچمەنلەردىن بىر كىشى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى. ۋالىي مەھكىمىسى قالغان كۆچمەنلەرنى ۋاقىتلىق تۇرالغۇ مەركەزلىرىگە ئېلىپ باردى.

ساقچىلارنىڭ باياناتىغا ئاساسانغاندا، مەزكۇر كۆچمەنلەر لاگېرى باشقىلارغا تەۋە يەرگە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن يەر ئىگىسىنىڭ سوتقا ئەرز قىلغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ،  تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

كالىس شەھىرىدە ئىلگىرىمۇ ئەنگلىيەگە ئۆتۈشنى ساقلاۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇرۇشلۇق چېدىرلارنى ساقچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ پىچاق بىلەن كەسكەن كۆرۈنۈشلىرى كەڭ تارقالغان ئىدى.  

بۇ كۆرۈنۈشلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر