ئىران ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلدى

ئىران ۋەكىلى ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقى ھەققىدىكى سۆز- چۆچەكلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2048619
ئىران ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەلى كەرىمى ماقام ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا غەرب تاراتقۇلىرىدا چىققان ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇردى.

ئەلى كەرىمى ماقام: «گەرچە بىز پەلەستىننىڭ قايتۇرغان جاۋابىدا رول ئوينىمىغان بولساقمۇ، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگىمىز ۋە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېدى.

ئىران مەسئۇلى ئەلى كەرىمى ماقام ھاماسنىڭ ھەرىكىتىگە «ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش» دەپ باھا بەردى.

«The Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئىران بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بېيرۇتتا ھۇجۇم ئۈچۈن ھاماسقا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىش بىلەن بىرگە، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارىتا «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى  ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر