ھاماس بىر توپ ئىسىرائىلىيەلىكنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پەلەستىن ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى زىياد ئەن ناخخالە قوللىرىدا 30 ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2048119
ھاماس بىر توپ ئىسىرائىلىيەلىكنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى زىياد ئەن ناخخالە ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان جەمئىي 30 ئىسىرائىلىيەلىكلنىڭ ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن ئالماشتۇرۇلۇش ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززەددىن قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيدە بولسا، جەڭچىلەرنىڭ غەززە ئەتراپىدىكى يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونىدىن بىر توپ ئىسىرائىلىيەلىكنى ئەسىر ئېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا غەززەگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ قاسسام بىرىگادىلىرى ئەزالىرى ئەسىر ئالغان ئىسىرائىلىيەلىكلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەسىرلەرنىڭ سانى ھەققىدە بولسا، ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇ قاسسام بىرىگادىلىرى ئەزالىرىنىڭ ھازىرمۇ ئىسىرائىلىيەدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بەزى شەھەرلەردىكى يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونلىرىدا توقۇنۇشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسىرائىلىيە تەرەپتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھاماس بۇ جەرياندا، ئىسىرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىغا «ئەقسا تۇفانى» ناملىق ھۇجۇم رامكىسىدا، ئونلارچە ئۇچقۇلار بىلەن ئىسىرائىلىيە نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىززەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىلىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرىكەتنىڭ ھاۋا قىسىملىرى تەرىپىدىن «ئەقسا تۇفانى» ھۇجۇملىرى رامكىسىدا، ئىسىرائىلىيەگە قارشى «زەۋارى» شەكىللىك 35 ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىززەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىلىرى يەنە، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىغا جاۋاب سۈپىتىدە ېن گۇرىيون ئايرودۇرۇمىغا راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، «ئەقسا تۇفانى» رامكىسىدا ئاسكالان شەھىرىگىمۇ 100 راكېتا ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر