گېرمانىيەدە تۈرك-ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە جامى تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە  ئۆلكىسىگە قاراشلىق سىئېگبۇرگ شەھىرىدە دىنىي ئىشلار مەركىزى تۈرك-ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە جامى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى.

2047720
گېرمانىيەدە تۈرك-ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە جامى تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 23:09 دە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئادەم يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى، لېكىن جامى ماددى زىيانغا ئۇچرىدى.

دىنىي ئىشلار مەركىزى تۈرك-ئىسلام بىرلىكى جامىسى سىئېگبۇرگ جەمئىيىتى رەئىسى تۇران قاپلان يازما باياناتىدا، بىخەتەرلىك كامېرالىرىدا سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە 4 كىشىنىڭ جامىغا تاش ئېتىپ ھۇجم قىلغانلىقى  كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ساقچى ئىدارىسىغا جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇران قاپلان جامىنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزىدىكى بىخەتەرلىك دېرىزىسىنىڭمۇ چىقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

يېقىنقى مەزگىللەردە جامىلەرگە قارىتىلغان ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن تۇران قاپلان، جامى باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە جامائىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تۇران قاپلان ھۇجۇمغا دائىر بىخەتەرلىك كامېرا كۆرۈنۈشلىرىنى ساقچىلارغا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر