رۇسىيە قاراباغدىكى بەزى ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئەزەربەيجان زېمىنى قاراباغدىكى رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئەسكەران، ئاغدەرە ۋە شۇشا قاتارلىق رايونلاردىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

2047199
رۇسىيە قاراباغدىكى بەزى ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدىكى رۇس تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەسكەران، ئاغدەرە ۋە شۇشا رايونلىرىدىكى ۋاقىتلىق كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قاراباغدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى:

«توقۇنۇشنى توختىتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر بويىچە، قاراباغدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ  (قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى) ئامبارلىرىدا تېپىلغان قورال -ياراغ، ھەربىي ئۈسكۈنىلەر،  يېنىك قوراللار ۋە ئوق-دورىلارنى ساناش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. 5-ئۆكتەبىرگىچە 84 دانە برونىۋىك ماشىنا، 121 ھەربىي ئاپتوموبىل، 121 دانە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 96 دانە دالا زەمبىرىكى، كۆپ ستوۋوللۇق راكېتا ئاتار ۋە مىناميوت، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 7 مىڭدىن ئارتۇق يىنىك تىپلىق قورال ۋە تانكا ئاتار، تەخمىنەن 58 مىليون 500 مىڭ پاي ئوق سانالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر