ئامېرىكا-ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىخارا مىنورۇ ئامېرىكادا ياسالغان توماخاۋك (Tomahawk) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى پىلان قىلىنغاندىن بىر يىل بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

2046694
ئامېرىكا-ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىخارا مىنورۇ ۋاشىنگتون زىيارىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋەزىيىتى، ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىتىنى قوغداش ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى يىللاردا رايوندا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

باش ۋەزىر كىخارا كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشچانلىقنىڭ ئۆرنىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

كىخارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكادا ياسالغان «توماخاۋك» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پىلان قىلىنغاندىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2025-يىلى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ياپونىيە ئامېرىكادىن مۇساپىسى 1600 كىلومېتىرغا يېتىدىغان 400 دانە «توماخاۋك» بومبىسىنى سېتىۋېلىپ، 2026-يىلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا سەپلەشنى پىلان قىلماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر