خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى 55 ھەربىي خادىمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاينىڭ بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇزاققا چۈشۈپ قېلىپ، 55 كىشىلىك پاراخوت خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2046539
خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى 55 ھەربىي خادىمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ «تايمىس گېزىتى» ۋە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ پاش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «مەخپىي» كودلۇق دوكلاتنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى 21 – ئاۋغۇست دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەندۇڭ ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىدە «لەڭگەر ۋە زەنجىر» دەپ ئاتىلىدىغان سۇ ئاستىدىكى توسۇقىغا چۈشۈپ قالغان.

مەزكۇر دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان» قىلتاققا چۈشۈپ قالغان خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئالتە سائەت بويىچە سۇ يۈزىگە چىقالمىغانلىقى، باتارېيەسى خوراپ، ئوكسىگېن سىستېمىسى ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، پاراخوتنىڭ كاپىتانى پولكوۋنىك شۈ يوڭپىڭ قاتارلىق 22 ئوفىتسېر، يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئوفېتسىر، توققۇز ياردەمچى ئوفىتسېر ۋە 17 ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 55 كىشىلىك پاراخوت خادىمىنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«Dail Mail» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەنگلىيە سۇ ئاستى پاراخوتى ئەسكىرى ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ خەلقئارادىن قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلىشنى خالىمىغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي بۇ ۋەقەنى تېخى جەزملەشتۈرمىدى، ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىمۇ بۇ ھەقتە گېزىتلەرگە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سېرىق دېڭىز ئەتراپىدا ياكى تەيۋەن بوغۇزىدا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مىش- مىش پاراڭلار تارقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر