رۇسىيە ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ قىرىمغا كىرىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ قىرىم تېررىتورىيەسىگە كىرىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2045994
رۇسىيە ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ قىرىمغا كىرىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ يېرىم كېچىدە قىرىم تېررىتورىيەسىگە كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قارادېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارخانقۇت تۇمشۇقى يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، قىرىم زېمىنىغا كىرىش ھەرىكىتىنىڭ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تېز سۈرئەتلىك ھەربىي پاراخوتلار ۋە ئۈچ دېڭىز موتوسىكلىتى ئارقىلىق توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ يېرىم كېچىدە رۇسىيە تېررىتورىيەسىدىكى مۇئەسسەسەلەرگە  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى، بېلگورود، بىريانسك ۋە كۇرسك رايونلىرى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇكرائىناغا ئائىت 31 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ، پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر