نىگېرىيەدە نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ نېفىت رايونى بولغان نىگېر دېلتادىكى بىر قانۇنسىز قۇرۇلغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 37 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2045993
نىگېرىيەدە  نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئېموخۇا رايونىدا قانۇنسىز قۇرۇلغان بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا خام نېفىت باكىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.  ۋەقەدە، بىر ھامىلە ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

مەسئۇل دائىرىلەر، رايونغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەدە يۈزلەرچە قانۇنسىز قۇرۇلغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ.

خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 15 دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان نىگېرىيە، ئەڭ كۆپ نېفىت زاپىسىغا ئىگە سەككىز دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، نېفىت ئېكىسپورتىدا ئالچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر