كىرىستېرسون: دۆلىتىمىزنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى تۈركىيەنىڭ قارارىغا باغلىق

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى مۇشۇ ئايدا تەستىقلايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2046010
كىرىستېرسون: دۆلىتىمىزنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى تۈركىيەنىڭ قارارىغا باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر كىرىستېرسون دۆلىتىنىڭ ناتو ئەزالىقى ئىلتىماسى توغرىسىدا شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ناتوغا ئەزا بولۇشىمىزنىڭ ئۆكتەبىردە تەستىقلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرەلمەيمەن. بۇ قارار تۈركىيەگە تەۋە، تۈركىيە ئۆز قارارلىرىنى ئۆزى چىقىرىدۇ.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ مەجلىسكە يوللىنىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كىرىستېرسون، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھەممەيلەن بۇنى پارلامېنت ئېچىلغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ تەستىقلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ ئىزاھلىماقتا. پارلامېنت ئېچىلدى. مېنىڭچىمۇ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر