ب د ت ھەيئىتى قاراباغدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىغا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

2044863
ب د ت ھەيئىتى قاراباغدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى ئاغدام-خانكەندى يولى ئارقىلىق قاراباغ رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، لاچىن چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋە خانكېندى شەھىرىدە تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ب د ت ھەيئىتىنىڭ ئارىدىن تەخمىنەن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن رايوندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشى ئۈچۈن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنى ئەزەربەيجانغا تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇ يەنە ب د ت ھەيئىتىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى، ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرى، قانۇنسىز ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ قورالسىزلىنىش جەريانى ۋە مىنا خەۋپىنى كۆزىتىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر