ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە بىر پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى ئەلبىرە شەھىرى ئەتراپىدا بىر ماشىنىنى ئوققا تۇتۇپ، بىر پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، يەنە بىر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

2044340
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە بىر پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلبىرەنىڭ ئەتتاۋىل تېغى رايونىغا قۇرۇلۇۋاتقان پساگوت يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىغا يېقىن جايدا بىر ماشىنىنى ئوققا تۇتقان.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ھۇجۇمدا مۇھەممەد جىبرىل رۇمماننىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يەنە بىر پەلەستىنلىكنىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ئازراق يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا بولسا، پاساگوت ئەتراپىدىكى ھەربىي نۇقتىغا مولوتوف كوكتېل (ئاتەش توپ) تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى ياشنىڭ ئوق چىقىرىش ئارقىلىق «بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىملىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا شاھىت بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر