مەككەدىكى سائەت مۇنارىنى چاقماق سوقۇۋەتتى

مۇقەددەس شەھەر مەككەدىكى 600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سائەت مۇنارىنى يېرىم كېچىدە گۈلدۈرمامىلىق چاقماق سوقۇۋەتتى.

2043411
مەككەدىكى سائەت مۇنارىنى چاقماق سوقۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە رايونىدا تۈنۈگۈن كېچە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغقان ۋاقىتتا، كەبە جايلاشقان ھەرەمنىڭ ئەتراپىدىكى مەشھۇر سائەت مۇنارىنى چاقماق سوقۇۋېتىپ، قورقۇنچ پەيدا قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، مەككەدىكى سائەت مۇنارىنى كۆپ تەرەپتىن چاقماق سوقۇۋەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مېھمانخانىلار ۋە سودا-سارايلار جايلاشقان، قۇرۇلۇشى 2010-يىلى تاماملانغان، ئېگىزلىكى 600 مېتىر كېلىدىغان بۇ سائەت مۇنارى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سائەت مۇنارى» ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر