رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئۆزئارا ھاۋا ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېلگورود ۋە كۇرسك رايونلىرىدا ئۇكرائىنا ئۇچقۇلىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كېچە ۋاقىتلىرىدا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىغا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېلگورود ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇكرائىنانىڭ يەتتە ئۇچقۇسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كۇرسك رايونى ھاۋا تەۋەلىكىدە بولسا، تۆت ئۇچقۇنىڭ يوقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا، كېچە ۋاقىتلىرىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىغا «شاھېد» ئۇچقۇلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرەپتىن 38 دانە ئۇچقۇ قويۇپ بېرىلدى. 26 دانە شاھېد ئۇچقۇسى پاچاقلاندى» دېيىلدى.
ئودېسسا رايونىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا مەسئۇل باشلىقى ئولېگ كىپېر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ كېچە ۋاقتىدا ئودېسساغا ئىككى سائەت بويىچە توختىماي ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۇچقۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ناھايىت ئەپسۇسكى ئىزمائىل ناھىيەسىدىكى پورت بومباردىمان قىلىندى، ئىككى كىشى يارىلاندى، كونترول بىناسى ۋە ئىسكىلاتلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى» دېدى.
بۇ جەرياندا، 22-سېنتەبىر سىۋاستوپولدىكى رۇسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، رۇسى قوماندان ۋىكتور سوكولوۋنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىغان ئىدى.
پۇتىن كىيېۋنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ھەربىيسزلەشتۈرۈشنى، ھەمدە ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە غەززەدىن تۇتقۇن قىلغان ئاياللارنى تۈرمىگە تاشلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە تۇتقۇن قىلغان 142 پەلەستىنلىك ئايال ئەسىرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.