فىرانسىيە-ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننا بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى تۈنۈگۈن (25-سېنتەبىر) فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا كۆرۈشۈپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2042159
فىرانسىيە-ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولوننا بىلەن تاجانى پارىژدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ھارپىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كولوننا بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇچرىشىشتا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەرنىڭ سەلدەك ئېقىشىغا قارشى ئىتالىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىۋاتىمىز. دەرۋەقە پۈتكۈل ياۋروپادا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە شۇ كۆچمەنلەر كەلگەن دۆلەتلەر ۋە ئۆتكۈنچى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى بولسا، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئىتالىيەنىڭ فىرانسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئافرىقا قىتئەسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىمسىزلىق نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، ب د ت نىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەرىكەتكە ئۆتۈشى زۆرۈر دەپ قارايمىز.»

ئۇ كۆچمەنلەرنىڭ چارەسىزلىكىنى سۈيئىستېمال قىلىۋاتقان جىنايەتچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر