رىياد پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تېز ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسال بىن فەرخان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسىگە جىددىي ۋە ئەتراپلىق ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2041433
رىياد پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تېز ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئەلخبارىييە» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فەيسال بىن فەرخان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 78- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىكى سۆزىدە، پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ۋە ئەتراپلىق ھەل قىلىشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن.

ئۇ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا: «پادىشاھلىق خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ۋە ھەل قىلىش يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر بارلىق تەرەپلىمە تەدبىرلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر