فىرانسىيەدە تېررورلۇق تەھدىت سەۋەبىدىن 7 مەكتەپ تارقاقلاشتۇرۇلدى
فىرانسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى مەزمۇن قىلغان تەھدىتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان 7 مەكتەپ تارقاقلاشتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، سېئىن-مارىتىم ۋالىي مەھكىمىسى رۇئېن شەھىرى ئەتراپىدىكى 6 مەكتەپكە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى مەزمۇن قىلغان تەھدىتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ۋالىي مەھكىمىسى مەزكۇر6 مەكتەپنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
ساقچىلار ۋە رۇئېن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 6 مەكتەپتە تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ساينت دېنىس رايونىدا 1800 ئوقۇغۇچىسى بولغان پائۇل ئېلۋارد ئوتتۇرا مەكتىپىمۇ ئەتىگەندە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.
بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئۇچۇرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قارمىقىدىكى كرىتېل ئاكادېمىيەسى يالغان ئۇچۇرغا قارىتا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.