زېلېنسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.

2037789
زېلېنسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كېلەر ھەپتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىنمۇ، ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

زېلېنسكىي كېلەر ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئاقسارايدا بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇكرائىناغا  يەنە 21 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ياردەم بېرىش پىلانى مۇزاكىرە قىلىنماقتا ئىكەن. دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنى توختىتىش ۋە فېدېراتسىيە خامچوتىدا چىقىمنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 2022-يىلى 12-ئايدا ۋاشىنگتونغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ «ئىئانە» ئەمەس، بەلكى «دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىيە» گە مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر