ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەدىكى شەخس ۋە ئورگانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جازالىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەدىكى شەخس ۋە ئورگانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جازالىرىنىڭ مۇددىتىنى ئالتە ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

2037079
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەدىكى شەخس ۋە ئورگانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جازالىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سالغۇچىلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان يەككە يۆنىلىشلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەخمىنەن 1800 شەخس ۋە ئورگانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ساياھەت چەكلىمىسى، مال - مۈلۈكنى توڭلىتىش، فوند ياكى ئىقتىسادىي بايلىقنى يۆتكەش چەكلىمىسى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان جازانىڭ مۇددىتىنىڭ 2024- يىلى 15- مارتقىچە ئۇزارتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ جازالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

باياناتتا، مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىسىدە تۆت ئادەمنى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيە 2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، مەزكۇر شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قارىتا 11 جازا پىلانىنى يولغا قويدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، رۇسىيەگە سودا، پۇل- مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، سانائەت، تېخنىكا، قاتناش، نېفىت ۋە كۆمۈر، ئالتۇن قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە چەكلىمىلەر قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر