سۈرىيەدە بىر ھەپتە ئىچىدە ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى

سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 6000 دىن ئارتۇق پۇقرا ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

2034493
سۈرىيەدە بىر ھەپتە ئىچىدە ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبتىكى ئايروپىلان رەسەتخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا- كەنتلەرگە كەم دېگەندە 1360 قېتىم قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئوخشاش مەزگىلدە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مەزكۇر رايونلارغا 46 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇملار نۇقتىلىق ھالدا ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى فاتىتىرا، كەفەراۋىد، كەنسافرا، بەينىن، بارا ۋە بەليۇن يېزىلىرى بىلەن ھەلەبنىڭ غەربىدىكى كەفەرتال ۋە سەھارا قاتارلىق ئاھالىلەر رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

رايوندا سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۈرىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى رەئىسى مۇھەممەد ھەللاج، ھۇجۇملاردا بەش پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەللاج بىر ھەپتە ئىچىدە 6382 پۇقرانىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھۇجۇملار ساغلاملىق مەركەزلىرى ۋە مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 22 مەمۇرىي ئورۇننى زەربە ئوبېيكتى قىلدى» دېدى.

ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن، كەنسافرا، بەليۇن، بارا ۋە كەفەراۋىد يېزىلىرىدىن ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا كۆچۈش ھەرىكىتى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر