پۇتىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2033894
پۇتىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، نېفىت بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

پۇتىن بىلەن سەلمان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) بىلەن OPEC دىن باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىقى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ تۈرتكىسىدە نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى قىسقارتىش ۋە قىسىش چارە – تەدبىرلىرى سايىسىدا ئېنېرگىيە بازارلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان رۇسىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (BRICS) گە ئەزا بولۇش  ئىلتىماسىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر