ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىقىسى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رەپىقىسى جىل بايدىن «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.
2033167
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىنې جېئان پىئېررې بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رەپىقىسى جىل بايدىننىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ بولسا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«پىرېزىدېنت بايدىننىڭ سالامەتلىكى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈلىدۇ ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆزىتىلىدۇ.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 2022-يىلى 21 – ئىيۇل كۈنى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانىدى.