ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئايۇستىن شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

2031802
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايۇستىن شەھىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت مەركىزى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئىككى ئادام جېنىدىن ئايرىلغان، بىرى ئېغىر ئۈچ ئادەم يارىلانغان.

ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن،  نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان، ئەمما زوراۋان تېخىچە قولغا چۈشمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر