جىنايى ئىشلار رەسىمىگە چۈشكەن تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى

ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جورجىيا ئىشتاتىدا سايلامغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

2031827
جىنايى ئىشلار رەسىمىگە چۈشكەن تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جورجىيا ئىشتاتىدا سايلامغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ئادۋوكات ستېۋېن سادوۋ (Steven Sadow) تەرىپىدىن ئاتلانتا ئالىي سوتىغا سۇنۇلغان ئىلتىماستا، ترامپنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

سابىق پىرېزىدېنت ترامپ جورجىيا ئىشتاتىدا 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىلىرىگە ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئاتلانتا سودىيەسى تەرىپىدىن سوتقا چاقىرىلغان ئىدى.

ئۇ مەزكۇر سوت رامكىسىدا 200 مىڭ دوللار كاپالەت پۇلى تۆلىگەن ۋە بۇ جەرياندا قولغا ئېلىش دېلوسى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم جىنايى ئىشلار رەسىمىگە چۈشكەن ئىدى.

ئۇ 24-ئاۋغۇستتىن تارتىپ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىقى ئۈچۈن 7.1 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىئانە توپلىدى.

ترامپ جىنايى ئىشلار رەسىمىگە چۈشكەن تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر