ئاۋىستىرالىيەدە بىر ئايالنىڭ مېڭىسىدىن 8 سانتىمېتىر كېلىدىغان تىرىك قۇرت چىقىرىلدى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررادا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بىر ئايالنىڭ مېڭىسىدىن ئۇزۇنلۇقى 8 سانتىمېتىر كېلىدىغان تىرىك قۇرت چىقىرىلدى.

2030690
ئاۋىستىرالىيەدە بىر ئايالنىڭ مېڭىسىدىن 8 سانتىمېتىر كېلىدىغان تىرىك قۇرت چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «يېڭىدىن زورىيىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» ناملىق ژۇرنالنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 64 ياشلىق ئايال 2021-يىلى يانۋاردا قورساق ئاغرىش ۋە ئىچ سۈرۈشتىن باشقا يەنە، قۇرۇق يۆتەل، قىزىتىش ۋە كېچىدە كۆپ تەرلەش قاتارلىقلار بىلەن  3 ھەپتە داۋاملاشقان بىئاراملىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا بارغان.

ئايالنىڭ بىئاراملىقىغا 2022-يىلى ئۇنتۇلۇش ۋە چۈشكۈنلۈشۈشمۇ قوشۇلغاندىن كېيىن كانبېررادىكى دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەن.

«MR» تەكشۈرىشىدە ئايالنىڭ مېڭىسىدە  نورمالسىز ھەرىكەت بايقىلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىش قارار قىلىنغان.

ئوپېراتسىيە جەريانىدا، دوختۇرلار ئايالنىڭ مېڭىسىدىن ئۇزۇنلۇقى 8 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1 مىللىمېتىر كېلىدىغان تىرىك قۇرتنى چىقارغان.

تەجرىبىخانىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن «Ophidascaris robertsi» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرتنىڭ ئادەتتە بوغما يىلاندا كۆرۈلىدىغان پارازىت قۇرت ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

تەتقىقاتتا، مەزكۇر پارازىت قۇرتنىڭ ئىنسانلاردا كۆرۈلگەنلىكىگە دەئىر ئىلگىرى ھېچقانداق دوكلات يوقلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىمارنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر كۆلنىڭ بارلىقى ۋە كۆل ئەتراپىدا پارازىت قۇرت ئىچىىدە ياشايدىغان بوغما يىلاننىڭمۇ بارلىقى ئېنىقلانغان.

ئايالنىڭ كۆل ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەرگە تېگىشى ياكى ئەتراپتىن يىغقان ئۆسۈملۈكلەرنى تاماقتا ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، يىلاندىن چىققان پارازىت تۇخۇمىنىڭ ئايالنىڭ بەدىنىگە كىرگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

دوختۇرلار بۇ ۋەقەنىڭ كەلگۈسىدە ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا كېسەللىك تارقىلىش خەۋىپىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر