گىرېتسىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تىزگىنلەندى
گىرېتسىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كونترول ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئالېكساندىروپولىس، ئېۋروس ۋە فىلىدىكى ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
2030258
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ئاخبارات ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 10 كۈندە دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن.
19 – ئاۋغۇست گىرېتسىيەنىڭ ئالېكساندىروپولىس ۋە ئېۋروس رايونلىرى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە پايتەخت ئاتىناغا يېقىن فىلى رايونى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ئاستىلىدى. بۇ رايونلاردا ئوات ئاپەتلىرى تولۇق تىزگىنلىنەلمىگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.