بلىنكېن رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2030252
بلىنكېن رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا قارىتا يېڭىدىن كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش ۋە قاماش دولقۇنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان زۇلمى داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»

بلىنكېن رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى، ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە رۇسىيەنى قىرىمدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر