خىتايدا دېكابىردا باشلانغان ئىككى ئايلىق يۇقۇم دولقۇنىدا 1 مىليون 870 مىڭ خىتاي ئۆلدى

خىتايدا دېكابىر (2022) دا كوۋىد-19  تەدبىرلىرى بوشىتىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئىككى ئايلىق يۇقۇم دولقۇنىدا، 1 مىليون 870 مىڭ خىتاينىڭ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2029739
خىتايدا  دېكابىردا باشلانغان ئىككى ئايلىق يۇقۇم دولقۇنىدا 1 مىليون 870 مىڭ خىتاي ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ سېئاتىللې شەھىرىگە جايلاشقان فرېد خاچىنسون راك كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى خىتايغا ئالاقىدار نەتىجىلىرىنى «جاما تېببىي تەتقىقات تورى» دا ئېلان قىلدى.

تەتقىقات نەتىجىسىدە، خىتايدىكى ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۆلۈم ئېلانلىرى ۋە خىتايدا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان بەيدۇ ئىزدەش سۇپسىدا، بۇ ئۆلۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدەش سۆزلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن باشقا يەنە، دېكابىر(2022) ۋە يانۋار (2023) ئايلىرىدىكى «ھەددىدىن ئارتوق ئۆلۈم» سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان مۆلچەلەرر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۆلۈم ئېلانلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق سۆز ئىزدەشتە ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى ئۆرلەشنى ھېسابلاپ چىققان ھەمدە بۇنىڭ ئومۇمىي نۇپۇسقا بولغان نىسبىتىنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتچىلار، «خىتايدا كوۋىد-19 كەڭ تارقالغان بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە 30 ياشتىن يۇقىرى 1 مىليون 870 مىڭ خىتاي مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خۇلاسىىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر