ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىرىمغا كىردى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز بېسىۋېلىنغان قىرىمغا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2028833
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىرىمغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئانرېي يۇسوۋ: «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە، ئەسكەرلىرىمىز يېرىم ئارالغا كىردى،  نىشانغا يەتتۇق، ئەسكەرلىرىمىزدە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىدى» دېدى.

ئۇ ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داېاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىدە ئۆلۈم-يېتىم ۋە باشقا ماددىي زىيانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىرىل بۇدانوۋ، قىرىمدىكى ھەر قانداق جايغا زەربە بېرىش  ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

«قىرىم ھەقىقەتلىرى» تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، قىرىمدىكى رۇسىيە ھاۋا ئالەم ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئۈچىنچى رادىيو تېخنىكا بىرىگادىسى بازىسى جايلاشقان ماياك تۇرالغۇ رايونىدا پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر