پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ئالتە نەپەر پاكىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى

پاكىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، ئالتە ئەسكەر قازا قىلدى.

2027987
پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ئالتە نەپەر پاكىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستان چېگراسىدىكى جەنۇبى ۋەزىرىستان رايونىدا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا ئالتە ئەسكەرنىڭ جېنىسىن ئايرىلغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىنكى توقۇنۇشتا تۆت قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىككى قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، رايوندا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

پاكىستاندا، بولۇپمۇ خەيبەر پاختونخۋا ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيمەكتە.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئافغانىستان بولسا، بۇنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر