خىتاي ياپونىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ياپونىيەنىڭ 24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ فۇكۇشىما دايچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن رادىياكتىپلىق پاسكىنا سۇنى دېڭىز-ئوكيانغا قويۇپ بېرىش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

2028129
خىتاي ياپونىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مۇئاۋىن مىنىستىر سۇن ۋېيدوڭ ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تارۇمى ھىدېيونى بۇ مەسىلە توغرىسىدا مىنىستىرلىققا چاقىرغان.

سۇن كۆرۈشۈشتە، ياپونىيەنىڭ قارارىنى «شەخسىيەتچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر قارار بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشەسىنىڭ ئالدىغا قويغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە خەلق ساقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ياپونىيە ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، باش ئەلچى تارۇمىمۇ كۆرۈشۈشتە ھۆكۈمەتنىڭ پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش پىلانىنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئېتىرازلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، باش ئەلچى تارۇمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ياپونىيەدىن سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ توغرىدا قەدەم باسقان يالغۇز دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بۇنداق تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو تۈنۈگۈن (22-ئاۋغۇست) كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، فۇكۇشىما دايچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ رادىياكتىپلىق پاسكىنا سۈيىنىڭ دېڭىز-ئوكيانغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 4-ئىيۇل (2023) ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دوكلات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش پىلانىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2011-يىلى مارتتا يۈز بەرگەن 9 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دېڭىز تاشقىنى فۇكۇشىما دايچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى تۆت يادرو رېئاكتورىنىڭ ئۈچى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپى «تارقاقلاشتۇرۇش رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر