فىرانسىيەدە يولۇچىلار كېچىدە بىر قانچە سائەتكىچە ۋاگونغا قاپسېلىپ قالدى

فىرانسىيەدە نەنتېس-پارىژ لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن پويىز ھەرىكەت قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، يولۇچىلار بىر قانچە سائەتكىچە ۋاگونغا قاپسېلىپ قالدى.

2027999
فىرانسىيەدە يولۇچىلار كېچىدە بىر قانچە سائەتكىچە ۋاگونغا قاپسېلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نەنتېستىن پايتەخت پارىژغا بارىدىغان پويىز يولىدىكى ئەنجېرس رايونىنىڭ ترېلازې رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 11 سائەت كېچىكتۈرۈلگەن پويىزدىكى 80 يولۇچى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ۋاگونلارغا قاپسېلىپ قالغان.

كەچ سائەت 18.30 دە سەپەرنى تاماملىشى مۆلچەرلەنگەن پويىز، يولنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئەتىگەن سائەت 5:00 ئەتراپىدا يولغا چىقالىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر