باڭلادېشتا دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
باڭلادېشتا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن يەنە 18 ئادەم قازا قىلدى.
2024660
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 416 گە يەتتى.
باڭلادېش سەھىيە مۇلازىمەت باش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، باڭلادېشتا داككادىكى 43 مىڭ 665كىشى بىلەن قوشقاندا، 1-ئايدىن باشلاپ دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 87 مىڭ 891 گە يەتكەن.
باڭلادېشتا 7-ئايدا دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا سەككىز ھەسسە كۆپەيگەن.
سەھىيە مۇلازىمەت باش ئىدارىسى باڭلادېشتا تۈنۈگۈن (14-ئاۋغۇست) دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن بىر كۈندىلا 2 مىليون 905 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىنى، بۇنىڭ «بىر كۈندە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلار سانىدىكى رېكورت» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.