زېلېنسكىي: قىرىم ھۇجۇمى رۇسىيەنىڭ جىنايەتلىرىگە جاۋاب
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تېلېگرام ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قىرىم كۆۋرۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، «رۇسىيە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرگە جاۋاب» ئىلكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2024170
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تېلېگرام ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قىرىم كۆۋرۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، «رۇسىيە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرگە جاۋاب» ئىلكەنلىكىنى بىلدۈردى.
24-فېۋرال (2022) رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى.
پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ناتسىستلاردىن تازىلاپ، ھەربىيسىزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.