گوللاندىيە ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاشقان ئىككى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى توسۇپ قالدى

گوللاندىيە ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاشقان ئىككى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى دانىيە ھاۋا بوشلۇقىدا توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2024322
گوللاندىيە ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاشقان ئىككى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى توسۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا، رۇسىيەنىڭ 2 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ گوللاندىيە ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاشقانلىقى بايقالغان.

«تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشى»  سىستېمىلىرى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، رۇسىيە ئايروپىلانلىرى دانىيە تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا توسۇپ قىلىنغان.

باياناتتا يەنە گوللاندىيەگە تەۋە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 24 سائەت ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ تەييار تۇرىدىغانلىقى، چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى بايقالغان ھامان، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى نۆۋەت بىلەن كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل بېنېلكىس (بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ) رايونى ھاۋا ساھەسىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر