ئۇكرائىنانىڭ 20 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىرىمغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ 20 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2023736
ئۇكرائىنانىڭ 20 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىرىمغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «بۈگۈن كېچىدە، كىيېۋ ئۇكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلى تەۋەلىكىگە 20 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تېرورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا ئۇۇرندى ۋە بۇ ئۇرۇنۇش توسۇپ قىلىندى» دېيىلدى.  

باياناتتا 14 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى، 6 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «توسۇپ قىلىىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى» دېيىلدى.

قىرىم 2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان ئىدى.

2022-يىلى 24- فېۋرلدا ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىشى بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى.

پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دۆلەتنى ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر