زېلېنىسكىي: رۇسىيە زاپورىژياغا ھەر كۈنى ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ زاپورىژيا شەھىرىگە قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2023243
زېلېنىسكىي: رۇسىيە زاپورىژياغا ھەر كۈنى ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ تېلېگرامما قانىلىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژيا شەھىرىگە ھەر كۈنى ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن (10-ئاۋغۇست پەيشەنبە)مۇ زاپورىژياغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي ئۇچۇرىدا: «ھۇجۇم نەتىجىسىدە، پۇقرالار ئولتۇرۇۋاتقان بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. يەنە يارىلانغانلارمۇ بار. مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت خادىملىرى نەق مەيداندىكى زۆرۈر خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرماقتا. تاجاۋۇزچىلارنى يوقىتىۋاتقان ھەر بىر ئەسكىرىمىز ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئۆچ ئېلىشنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇكرائىنا پۇت تىرەپ تۇرىدۇ. رۇس تېررورى مەغلۇبىيىتى مۇقەررەر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور كلىمېنكومۇ ھۇجۇمدا بىر ئايالنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ زاپورىژيا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر