جەنۇبىي كورېيەدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى

جەنۇبىي كورېيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى.

2022723
جەنۇبىي كورېيەدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە مىقياسىدا پەسىل ئۆلچەملىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىسسىق تېمپېراتۇرا كۈندىلىك تۇرمۇشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

جەنۇبىي كورېيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تەخمىنەن 38 گىرادۇسقا ئۆرلىگەن تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار قاتتىق ئىسسىقتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 58 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دوختۇرخاغا كۆرۈنگەن بېمارلارنىڭ %30.9 نىڭ 65 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى چوڭلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار 9-ئايغىچە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

سېئۇل ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئىسسىققا مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى «ئېغىر» ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى«ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ تەسىرى داۋاملىشىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر