بېيجىڭدا 8-ئاۋغۇست يېرىم كېچىدە ئۆلگەن خىتايلارنىڭ سانى 33 كە يەتتى
خىتايدا قاتتىق بوران، شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن بوران ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈندە 33 كىشى ئۆلۈپ، 18 كىشى يوقاپ كەتتى.
خىتايغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بېيجىڭدا 8-ئاۋغۇست (2023) يېرىم كېچىدە ئۆلگەن خىتايلارنىڭ سانى 33 كە يەتتى.
خىتاي تاراتقۇلىرى 18 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ختاي دائىرىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1 مىليون 290 مىڭ كىشى كەلكۈننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان. 59 مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە 147 مىڭ ئۆي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.