پاكىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بومبىلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىرى سىياسەتچى بولۇپ جەمئىي يەتتە ئادەم قازا قىلدى.

2021492
پاكىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى بالۇچىستاننىڭ كەچ رايونىدىكى بىر يولنىڭ ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىزگىنەكلىك بومبىنىڭ بىر خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پارتلاپ،  بالۇچىستان خەلق پارتىيەسىدىن ئىسھاق ياقۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە ھېچكىم ياكى تەرەپ بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان.

شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا بۈگۈن ئەتىگەندە يۈز بەرگەن باشقا بىر بومبىلىق ھۇجۇمدا ئەر- ئايال ئىككى پۇقرا قازا قىلغانىدى.

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنۋا ۋە بالۇچىستان قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ئىسلامئاباد بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر