ھاقان فىدان ئامېرىكالىق ۋە ئۇكرائىنالىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان ئامېرىكىلىق ۋە ئۇكرائىنالىق مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2020712
ھاقان فىدان ئامېرىكالىق ۋە ئۇكرائىنالىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاسسلانغاندا، ھاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

بىللىنكېننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، جەنۇبىي كاۋكازدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقا يەنە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورماللىشىش مۇساپىسى، قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنىڭ قايتىدىن جانلاندۇرىلىشى، قارا دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق تېمىلارمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان يەنە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمترو كۇلېبا بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

سۆھبەتتە قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر