ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى شىمالىي قىبرىسنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ساممي ۋىلسون شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2019273
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى شىمالىي قىبرىسنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساممى ۋىلسون ئەنگلىيەدە چىقىدىغان سىياسەت ژۇرنىلى «Politshome» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، «قىبرىس ئارىلى چېگراسىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە تولۇق خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ۋە دېموكراتىك تۈزۈملەرنىڭ بارلىقى» نى،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىلسون شىمالىي ئىرېلاندىيە تىنچلىق مۇساپىسىدە ئىمزالانغان، «خەيرىلىك جۈمە كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بېلفاست كېلىشىمىگە ئىشارەت قىلىپ: «خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ 2010- يىلىدىكى كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى قارارى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ كۆپ قانۇنىيلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ – لايىھەلەرنى قىبرىسلىق رۇملارنىڭ رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋىلسون، ئەنگلىيەنىڭ بۇ مۇساپىدە قىبرىس تۈركلىرى بىلەن رۇملارغا مۇرەسسەچى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر