گۇتېررېس: رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئىئانىسى تىراەېدىيەنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىن چېكىنگەن رۇسىيەنىڭ ئالتە ئافرىقا دۆلىتىگە ھەقسىز ئاشلىق ياردىمى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى تىلغا ئېلىپ: «بىر سىقىم ئىئانە» دىن تىراگېدىيەلىك ئەھۋالنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017185
گۇتېررېس: رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئىئانىسى تىراەېدىيەنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېس ب د ت دا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئاشلىق باھاسىدىكى ئۆسۈشنىڭ بەدىلىنى، ھەر يەردە ھەممە كىشىنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئوتتۇرا كىرىملىك قاتلام، ھەتتا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى قوغدىغۇچىسىز كىشىلەرنىڭ تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئالتە ئافرىقا دۆلىتىگە ھەقسىز ئاشلىق ياردىمى قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا: «شۇڭا، بارلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن بۇ تىراگېدىيەلىك تەسىرنى، بىر سىقىم دۆلەتلەرگە قىلىنىدىغان ئىئانە بىلەن ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن (27-ئىيۇل) پېتېرسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا، غەرب دۆلەتلىرىنى رۇسىيە يېزا ئىگىلىكى ئېكسپورتىغا قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇ: «كېيىنكى 4-3 ئاي ئىچىدە بۇركىنا فاسو، زىمبابۋې، مالى، سومالى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە ئېرىتىرېيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە 25 مىڭ توننادىن 50 مىڭ تونناغىچە ئاشلىقنى ھەقسىز يەتكۈزۈشكە تەييار بولىمىز»  دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر