نىگېردا ھەربىيلەرھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۆزلىرىنى «دۆلەتنى قوغداش مەملىكەتلىك كېڭىشى (CNSP)» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇپپا ئەسكەر بىر ھەربىي بازىدا سىنغا ئېلىنغان ۋە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى دا تارقاتقان ۋىدېئودا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش باياننامىسىنى ئوقۇدى.

2016600
نىگېردا ھەربىيلەرھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېيتېنانت پولكوۋنىك ئامادو ئابدرامانە ئوقۇغان باياننامىسىدا، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇمنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ توڭلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، سائەت 22:00 دىن 05:00 گىچە كوچىغا چىقىش چەكلىنىدىغانلىقى  ۋە بارلىق چېگرالارنىڭ تاقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم ئەتىگەندە پىرېزىدېنتلىق مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

كىشىلەر سىياسىي ئۆزگىرىشنى توسۇش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ، بازۇمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا 10 يىلدىن بۇيان پىرېزىدېنتنىڭ قوغداش ئەترىتى قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن گېنېرال ئۆمەر تىچيەننىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىرېزىدېنت بازۇمنىڭ يېقىندا سابىق پىرېزىدېنت ماخامادو ئىسسافۇ دەۋرىدىمۇ ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتىگەن تچيەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تالىماقچى بولغانلىقى  ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر