ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاماقتىكى 21 ئىرانلىقنى قويۇپ بەردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قاماقتا يېتىۋاتقان 21 ئىرانلىق كەچۈرۈم قىلىنىپ، قويۇپ بېرىلدى.

2016255
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاماقتىكى 21 ئىرانلىقنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇزەبىدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىدنىڭ تەستىقى بىلەن بۇ دۆلەتتە قاماقتا يېتىۋاتقان 21 ئىرانلىق مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئال نەھيان تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ئىران پۇقرالىرى قانۇنىي رەسمىيەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن دۆلەتلىرىگە قايتىدۇ.

باياناتتا، ئىرانلىق مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ قانداق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە قاچاندىن بېرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان 22- ئىيۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس ئال نەھيان بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

13 – ئىيۇلدىمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈرمىلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن 15 ئىرانلىق دۆلىتىگە قايتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر