قاتار تاراتقۇلىرى تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

قاتار تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان قاتار بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىي قىلغان «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق»قا يۇقىرى باھا بەردى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2013265
قاتار تاراتقۇلىرى تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — QNA ۋە قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتى دائىرىسىدىكى دوھا زىيارىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

QNA مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە، «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ دۆلەت (قاتار)كە قاراتقان زىيارىتى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى باشلانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا توغرا كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ نۇرغۇن ساھەدە تەرەققىي قىلغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە «بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق ھەمكارلىقى» دەپ باھا بەرگەن QNA، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ «كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىسى» سايىسىدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قاتارنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەيخ مۇھەممەد بىن ناسىر بىن جاسىم ئال سانى «ئەررايە گېزىتى»گە بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئەششەرق گېزىتى» بولسا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىپ، تۈركىيە - قاتار ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر