نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بەش ئادەم قازا قىلدى.

2012206
نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىر ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار تىللابېرى رايونىدىكى ئاپتوموبىل ئەترىتىنى قوغداپ كېتىۋاتقان ساقچى ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

ۋەقەدە 4 پۇقرا بىلەن بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 19 ئادەم يارىلانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىللابېرى نىگېر، مالى ۋە بۇركىنا فاسونىڭ چېگرا لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ ، «3 دۆلەت چېگراسى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

بۇ چېگرا لىنىيەسى پات - پات ئەلقائىدە ۋە دائېش بىلەن مۇناچېتىشلىقى بار تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.

تەخمىنەن 12 مىڭ نېگىرلىق ئەسكەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مالى ۋە بۇركىنا فاسونىڭ 1400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگراسىغا جايلاشقان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر