پولشا كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجلىق

پولشا 10 يىل ئىچىدە 2 مىليون كۆچمەن ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

2010687
پولشا كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگىنى (ZUS) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ دۆلەت 10 يىل ئىچىدە ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ پېنسىيونىرلارغا بىلەن بولغان نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 10 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 2 مىليون كۆچمەننىڭ ئەمگەك كۈچىگە موھتاج بولىدىكەن.

ن ف پ (NFP) تور بېكىتىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگىنىنىڭ دوكلاتىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پولشادىكى ئىستراخۇانىيە سىستېمىسىغا تىزىملاتقان چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ سانىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولغان.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2009-2014-يىللىرى سىستېمىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 59 مىڭ 300 كىشى كۆپەيگەن بولسا، 2015-2022-يىللىرى بۇ ئېشىش 938 مىڭ 900 بولغان.

دوكلاتتا، ئىشلەپچىقىرىش نوپۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1 مىليون 800 مىڭ كۆچمەننىڭ لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما، پولشا ياۋروپادا تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، كەلگۈسىدە بۇ سان يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، 2022-يىلى «ئىقتىسادىي ئۈنۈمسىز نوپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇس بىلەن بولغان نىسبىتى» %39 بولغان بولسىمۇ، بۇ نىسبەتنىڭ 2032-يىلى %44.1 كە ئۆرلەيدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.

دوكلاتتا، %39 لىك نىسبەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتكە كەلگەن چەت ئەللىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يىلىغا 200 مىڭدىن 400 مىڭغىچە بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ نىشان ئەمەلىيەتتە «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ قارالغان.

2015-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ دەرىجىدە كۆچمەن قوبۇل قىلغان پولشا، ياۋروپا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر