G7 دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتقا قوشۇلدى

G7 دۆلەتلىرى (ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە) شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇكرائىنانى قوللاشنىڭ بىخەتەرلىك رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىرلەشمە باياناتقا قوشۇلدى.

2010809
G7 دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتقا قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: G7 دۆلەتلىرى لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۇكرائىنانى قوللاپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئەركىن، مۇستەقىل، دېموكراتىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرى ئىچىدە ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ۋە كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا بولغان تەۋرەنمەس ۋەدىلىرى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

باياناتتا، «بىز ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك رايونى بىخەتەرلىكىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەيمىز. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قانۇنسىز ۋە يولسىز تاجاۋۇز قىلىشى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، G7 نىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەت دەپ قارىلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«قانچىلىك داۋاملىشىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۆزىنى قوغدىغان ئۇكرائىنانى قوللايمىز. بىزنىڭ ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قارىشىمىز ۋە مەنپەئەتىمىز، ھەممىدىن مۇھىمى ب د ت نىزامنامەسىگە، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا  ئۇكرائىنانى  ھەر ۋاقىت بىرلىكتە قوللايمىز.»

باياناتتا، ھەر بىر G7 دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن كونكرېت، ئىككى تەرەپلىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ۋەدىلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە تىرىشچانلق كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنانى قوغدىيالايدىغان ۋە كەلگۈسىدە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توسىيالايدىغان سىجىل كۈچ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىنىدىغانلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكىگە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش، ئورتاق ياردەمگە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدىلەرنىڭ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ ۋەدىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر